ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 28-سان
Radio Free East Turkistan
0:00 / 0:00
ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى، خىتاي ۋە دۇنيا | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 28-سان
792 просмотра · 15 ч назад
Radio Free East Turkistan
4,94 тыс. подписчиков
792 просмотра · 15 ч назад
بۇ ساندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى چوڭ كۈچلەر رىقابىتى ھەققىدىكى ئىككى تېمىغا نەزەر سالىمىز:
1. ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى — 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە ساغۇنىينىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسىرى «Amer Turkestan» نامى بىلەن تۇنجى قېتىم فرانسۇز تىلىدا نەشر قىلىندى. «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋاقتى»نىڭ يېزىشىچە، كىتابنى CNRS تارىخچىسى ستېفان ئا. دۇدۇئانيون بەگ تەرجىمە قىلغان. خىتاي «"شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتىلىدىغان ھېچقانداق دۆلەت ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان» دەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ كىتاب ياۋروپا ئوقۇرمەنلىرىگە باشقا بىر تارىخنى سۆزلەپ بېرىدۇ.
2. خىتاي ۋە دۇنيا — بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلاشتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سابىق ئەڭ يۇقىرى خىتاي ئەمەلدارى ما شىڭرۇي قاتارلىق 33 كىشىنىڭ پارتىيەدىن قوغلانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى؛ بىر تەتقىقاتچىنىڭ ھېسابىچە، قاتنىشىش نىسبىتى ماۋدىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە. شى جىنپىڭ ياۋروپاغا «سەمىمىيلىك» ئۇچۇرى بەردى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا خىتايغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىش يولىنى ئىزدىمەكتە. ياپونىيە 2026-يىلى تومۇز (ئاۋغۇست) دا ئېلان قىلىنغان مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاينى «ئالدىنقى مىسالى بولمىغان ۋە ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» دەپ ئاتىغان.
پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى مۇدىرىيەت رەئىسى، سىياسىي كۈزەتكۈچى ۋە تەھلىلچى نىجات تۇرغۇن بەگ بىلەن بۇ تېمىلار ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت.
0:00 باشلىنىش ۋە ماۋزۇلار
1:44 شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى فرانسىيەدە نەشر قىلىندى
7:05 خىتاي ۋە دۇنيا: ئىچىدە تازىلاش، سىرتىدا «سەمىمىيلىك»
15:19 ئومۇمىي ئانالىز: تارىخ ۋە رىقابەت
16:26 نىجات تۇرغۇن بەگ بىلەن سۆھبەت: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ساغۇنىينىڭ ئەسلىمىلىرى
21:27 سۆھبەت: خىتاي ۋە دۇنيا
27:37 سۆھبەت: ئومۇمىي خۇلاسە
35:58 خۇلاسە ۋە ئاخىرلىشىش
پروگراممىمىز سىزگە ياققان بولسا، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ، ئىنكاس يېزىپ پىكرىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ.
ئىنگلىزچە ئاستى خەت سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدە تەرجىمە قىلىنغان، خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. / English subtitles: AI-assisted translation, may contain errors.