292-Ders Tafsir Muyessar J15 Al-Isra 97_104-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر15-پارە 17-سۈرە«ئىسرا» سۈرىسى
ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى
0:00 / 0:00
292-Ders Tafsir Muyessar J15 Al-Isra 97_104-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر15-پارە 17-سۈرە«ئىسرا» سۈرىسى
16 просмотров · 12 дней назад
ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى
387 подписчиков
16 просмотров · 12 дней назад
ئىككى يۈز توقسان ئىككىنچى دەرس «تەفسىر مۇيەسسەر »(15-پارە 17-سۈرە ئىسرا) «ئىسرا» سۈرىسى 97-ئايەتتىن 104-ئايەتكىچە تەفسىرى
Al-Isra surisi tefsiri(Sura Al-Isra ) 97-Ayettin 104-Ayetkiche Tefsiri
كىمكى اﷲ ھىدايەت قىلغان ئىكەن ئۇ ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، اﷲ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە اﷲ تىن باشقا (ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچ ياردەمچىلەرنى تاپالمايسەن، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى دۈم ياتقۇزۇپ (سۆرەلگەن) كۆر، گاچا، گاس ھالدا يىغىمىز، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەم بولىدۇ، (جەھەننەمنىڭ) ئوتى پەسلەپ قالسا، ئۇلارغا (ئوتنى) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز (97) ئۇلارنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە «چىرىگەن سۆڭەك ۋە توپىغا ئايلانغىنىمىزدىن كېيىن راستلا قايتىدىن تېرىلىپ يېڭىدىن ئادەم بولامدۇق؟» دېگەنلىكلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئەنە شۇدۇر (98) ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقات اﷲ نىڭ ئۇلارغا ئوخشاش ئىنسانلارنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ اﷲ ئۇلارنىڭ (ئۆلۈشى ۋە تىرىلىشى ئۈچۈن) شەك - شۈبھىسىز مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى، كاپىرلار پەقەت كۇفرىغىلا ئۇنايدۇ (99) «ئەگەر پەرۋەردىگارىمنىڭ رەھمەت خەزىنىلىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا بولسا، چىقىمدىن (يەنى تۈگەپ كېتىشىدىن) قورقۇپ، چوقۇم بېخىللىق قىلاتتىڭلار، ئىنسان بېخىل كېلىدۇ» دېگىن (100) بىز مۇساغا ھەقىقەتەن توققۇز روشەن مۆجىزە ئاتا قىلدۇق، مۇسا پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كەلگەن چاغدا بىز مۇساغا: «(ئۇلاردىن) ئىسرائىل ئەۋلادىنى (قويۇۋېتىشنى) سۆرىغىن» (دېدۇق). پىرئەۋن ئۇنىڭغا: «ئى مۇسا! سېنى مەن چوقۇم جادۇ قىلىنغان دەپ ئويلايمەن» دېدى (101) مۇسا: «(ئى پىرئەۋن!) بۇلار (يەنى توققۇز مۆجىزە) نى پەقەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) دەلىل قىلىپ نازىل قىغانلىقىنى سەن (گەرچە تېلىڭدا ئىقرار قىلمىساڭمۇ دىلىڭدا ئەلۋەتتە) ئوبدان بىلىسەن، مەن سېنى، ئى پىرئەۋن، ھەقىقەتەن، ھالاك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى (102) پىرئەۋن ئۇلارنى (مىسىر) زېمىنىدىن چىقىرىۋەتمەكچى بولدى، بىز پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارنى - ھەممىسىنى (دېڭىز) غا غەرق قىلىۋەتتۇق (103) پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق (104)
#تەفسىر #تەفسىر_مۇيەسسەر #ئاسانلاشتۇرۇلغان_تەفسىر #ئۇيغۇرچە_قۇرئان_تەفسىرى#قۇرئان_تەفسىر #قۇرئان_كەرىم_تەفسىرى #ئەرەپ_تىلى #ئۇيغۇرچە_دەرس #نەھل_سۈرىسى #سۈرە_نەھل #نەھل
#tefsirdersi #tafsir #tafsir_muyassar #tefsir_muyesser #uyghurche_quran_tefsiri #quran_kerim_tefsiri #asanlashturulghan_tefsir #quran_tefsiri #arab_tili #Al_Isra #sura_Al_Isra #arap_tili #uyghurche_islam_dersi #uyghurche_ders #quran_kerim #15_pare
#surah_Al_Isra #Isra_surisi #Al_Isra #sure_Isra
#تفسير_القران_الكريم #التفسير_الميسر_للقرآن_الكريم #التفسير_الميسر #القران_الكريم #تفسير_القران_باللغة_الايغورية #اللغة_الايغورية #تفسير_سورة_الإسراء #الإسراء#15_پارە # سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَىٰ بِعَبْدِهِ
دەرستە:ئۆمەر ۋارىس ئۇستاز
تەفسىر مۇيەسسەر كىتاپنىڭ PDF نۇسخسىنى چۈشۈرۈش تور ئادىرىسى
https://archive.org/details/ar-Altafs...
وَمَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَلَن تَجِدَ لَهُمْ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِهِ ۖ وَنَحْشُرُهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ عُمْيًا وَبُكْمًا وَصُمًّا ۖ مَّأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ كُلَّمَا خَبَتْ زِدْنَاهُمْ سَعِيرًا ﴿٩٧﴾ ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُم بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِآيَاتِنَا وَقَالُوا أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا وَرُفَاتًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ خَلْقًا جَدِيدًا ﴿٩٨﴾ ۞ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَن يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ وَجَعَلَ لَهُمْ أَجَلًا لَّا رَيْبَ فِيهِ فَأَبَى الظَّالِمُونَ إِلَّا كُفُورًا ﴿٩٩﴾ قُل لَّوْ أَنتُمْ تَمْلِكُونَ خَزَائِنَ رَحْمَةِ رَبِّي إِذًا لَّأَمْسَكْتُمْ خَشْيَةَ الْإِنفَاقِ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ قَتُورًا ﴿١٠٠﴾ وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ تِسْعَ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ ۖ فَاسْأَلْ بَنِي إِسْرَائِيلَ إِذْ جَاءَهُمْ فَقَالَ لَهُ فِرْعَوْنُ إِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا مُوسَىٰ مَسْحُورًا ﴿١٠١﴾ قَالَ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا أَنزَلَ هَٰؤُلَاءِ إِلَّا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ بَصَائِرَ وَإِنِّي لَأَظُنُّكَ يَا فِرْعَوْنُ مَثْبُورًا ﴿١٠٢﴾ فَأَرَادَ أَن يَسْتَفِزَّهُم مِّنَ الْأَرْضِ فَأَغْرَقْنَاهُ وَمَن مَّعَهُ جَمِيعًا ﴿١٠٣﴾ وَقُلْنَا مِن بَعْدِهِ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ اسْكُنُوا الْأَرْضَ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ جِئْنَا بِكُمْ لَفِيفًا ﴿١٠٤﴾