340-Ders Tafsir Muyessar J17 Al-Hajj 65-72-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر17-پارە 22-سۈرە«ھەج» سۈرىسى
ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى
0:00 / 0:00
340-Ders Tafsir Muyessar J17 Al-Hajj 65-72-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر17-پارە 22-سۈرە«ھەج» سۈرىسى
18 просмотров · 7 дн. назад
ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى
397 подписчиков
18 просмотров · 7 дн. назад
ئۈچ يۈز قىرىقىنچى دەرس «تەفسىر مۇيەسسەر »(17-پارە 22- سورة الحج) «ھەج» سۈرىسى 65-ئايەتتىن 72-ئايەتكىچە تەفسىرى
Hajj surisi tefsiri(Sura Al-Hajj ) 65-Ayettin 72-Ayetkiche Tefsiri
«ھەج» سۈرىسى (جەمئى ئايەت سانى: 78 ئايەت )
«ھەج» سۈرىسى(65- 72)
اﷲ نىڭ يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئەمرى بويىچە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە تويۇندۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ (ئاسماننىڭ زېمىنغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، اﷲ ئاسماننى توختىتىپ تۇرىدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن (ئاسماننىڭ قىيامەت بولغان چاغدا) چۈشۈپ كېتىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. اﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (65) اﷲ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر (66) ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن (67) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، ئېيتقىنكى «اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ (68) اﷲ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» (69) بىلمەمسەنكى، اﷲ ئاسمان، زېمىندىكى شەيئىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن لەۋھۇلمەھپۇزدا (يېزىلغان)، بۇ (يەنى بىلىش) ھەقىقەتەن اﷲ قا ئاسان (70) ئۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) اﷲ نى قويۇپ، (ئىبادەت قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقىغا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرگە ۋە ئۆزلىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرگە (يەنى بوتلارغا) چوقۇنىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق مەدەتكار يوق (71) كاپىرلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ چېھرىلىرىدە (قوشۇمىسى تۈرۈلگەنلىكتىن) ئىنكار قىلغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى تاس قىلغانلىقىنى كۆرۈسەن، ئېيتقىنكى، «سىلەرگە مەن بۇنىڭدىنمۇ يامانراقىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇ دوزاختۇر. اﷲ ئۇنىڭ كاپىرلارغا ۋەدە قىلدى، ئۇلار قايتىپ بارىدىغان جاي نېمىدېگەن يامان!» (72)
#تەفسىر #تەفسىر_مۇيەسسەر #ئاسانلاشتۇرۇلغان_تەفسىر #ئۇيغۇرچە_قۇرئان_تەفسىرى#قۇرئان_تەفسىر #قۇرئان_كەرىم_تەفسىرى #ئەرەپ_تىلى #ئۇيغۇرچە_دەرس #ھەج_سۈرىسى #سۈرە_ھەج #پەيغەمبەرلەر #17_پارە #22_سۈرە
#tefsirdersi #tafsir #tafsir_muyassar #tefsir_muyesser #uyghurche_quran_tefsiri #quran_kerim_tefsiri #asanlashturulghan_tefsir #quran_tefsiri #arab_tili #Al-Hajj #sura_Al-Hajj #arap_tili #uyghurche_islam_dersi #uyghurche_ders #quran_kerim #17_pare
#surah_Al-Hajj #Al-Hajj_surisi #Al_Hajj #sure_Hajj
#تفسير_القران_الكريم #التفسير_الميسر_للقرآن_الكريم #التفسير_الميسر #القران_الكريم #تفسير_القران_باللغة_الايغورية #اللغة_الايغورية #تفسير_سورة_الحج #الحج #الجزء_17# اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ
دەرستە:ئۆمەر ۋارىس ئۇستاز
تەفسىر مۇيەسسەر كىتاپنىڭ PDF نۇسخسىنى چۈشۈرۈش تور ئادىرىسى
https://archive.org/details/ar-Altafs...
سورة الحج (65- 72)
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي الْأَرْضِ وَالْفُلْكَ تَجْرِي فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَيُمْسِكُ السَّمَاءَ أَن تَقَعَ عَلَى الْأَرْضِ إِلَّا بِإِذْنِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ بِالنَّاسِ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ ﴿٦٥﴾ وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ الْإِنسَانَ لَكَفُورٌ ﴿٦٦﴾ لِّكُلِّ أُمَّةٍ جَعَلْنَا مَنسَكًا هُمْ نَاسِكُوهُ ۖ فَلَا يُنَازِعُنَّكَ فِي الْأَمْرِ ۚ وَادْعُ إِلَىٰ رَبِّكَ ۖ إِنَّكَ لَعَلَىٰ هُدًى مُّسْتَقِيمٍ ﴿٦٧﴾ وَإِن جَادَلُوكَ فَقُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا تَعْمَلُونَ ﴿٦٨﴾ اللَّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كُنتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ ﴿٦٩﴾ أَلَمْ تَعْلَمْ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ إِنَّ ذَٰلِكَ فِي كِتَابٍ ۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ ﴿٧٠﴾ وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَمَا لَيْسَ لَهُم بِهِ عِلْمٌ ۗ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ ﴿٧١﴾ وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ تَعْرِفُ فِي وُجُوهِ الَّذِينَ كَفَرُوا الْمُنكَرَ ۖ يَكَادُونَ يَسْطُونَ بِالَّذِينَ يَتْلُونَ عَلَيْهِمْ آيَاتِنَا ۗ قُلْ أَفَأُنَبِّئُكُم بِشَرٍّ مِّن ذَٰلِكُمُ ۗ النَّارُ وَعَدَهَا اللَّهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ ﴿٧٢﴾