Перейти к содержимому

ئوتتۇرا ئاسىيا، قاراقۇرۇم 2026 ۋە ئوتتۇرا شەرق | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 27-سان

Radio Free East Turkistan

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا، قاراقۇرۇم 2026 ۋە ئوتتۇرا شەرق | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 27-سان

850 просмотров · 21 ч назад
Radio Free East Turkistan
4,91 тыс. подписчиков
850 просмотров · 21 ч назад
ئوتتۇرا ئاسىيا، قاراقۇرۇم 2026 ۋە ئوتتۇرا شەرق | ئازاد شەرقىي تۈركىستان رادىيوسى خەۋەرلىرى 27-سان بۇ ساندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۈچ مۇھىم ئۆزگىرىش ئۈستىدە توختىلىمىز: 1. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان — ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت 19-ئوغۇز (ئۆكتەبىر) سەمەرقەنتتە «تارىخىي ھەمكارلىق، گۈللەنگەن كەلگۈسى» ناملىق بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خىتاي ۋە كىشىلىك ھوقۇق تىلغا ئېلىنمىدى. ئىستېپادىكى گېنېرال كېيت كېللوگ بولسا «ۋاشىنگتون پوچتىسى»دا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاننى خىتايغا تاشلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. 2. قاراقۇرۇم 2026 — خىتاي بىلەن پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى «تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىدە تۇنجى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە. شۇ كۈنلەردە لى چياڭ سانكت-پېتېربۇرگدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي بىلەن روسىيەنى «قىممەتلىك مۇقىملىق كۈچى» دەپ ئاتىدى. 3. ئوتتۇرا شەرق — ۋاڭ يى پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تارىخىي ناھەقچىلىك» دەپ ئاتاپ، «خىتاي ئېزىلگەن مىللەتلەر تەرىپىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى. شۇ كۈنلەردە ھۇسىيلارنىڭ باللىستىك راكېتا ئۈچۈن خىتايدىن زاپچاس ئېلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا بېيجىڭغا جىمجىت بېسىم ئىشلەتمەكتە. پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزى مۇدىرىيەت رەئىسى نىجات تۇرغۇن بىلەن بۇ تېمىلار ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت. ۋاقىت بۆلەكلىرى: 0:00 باشلىنىش ۋە ماۋزۇلار 1:31 ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان: ئامېرىكا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ، خىتاي ئورنىنى مۇستەھكەملىمەكتە 6:07 «قاراقۇرۇم 2026»: خىتاي ۋە پاكىستان ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستاندا 9:55 ئوتتۇرا شەرق: ۋاڭ يىنىڭ «ئېزىلگەن مىللەتلەر» سۆزى ۋە ھۇسىي راكېتالىرى 14:59 ئومۇمىي ئانالىز: شەرقىي تۈركىستان — رىقابەتنىڭ مەركىزىدە 16:22 نىجات تۇرغۇن بىلەن سۆھبەت: ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان 25:47 سۆھبەت: «قاراقۇرۇم 2026» ۋە خىتاي-روسىيە يېقىنلىشىشى 33:31 سۆھبەت: ئوتتۇرا شەرق ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى 45:06 سۆھبەت: ئومۇمىي خۇلاسە 49:30 خۇلاسە ۋە ئاخىرلىشىش پروگراممىمىز سىزگە ياققان بولسا، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇڭ، ئىنكاس يېزىپ پىكرىڭىزنى ئورتاقلىشىڭ. #ئۇيغۇر #شەرقىيتۈركىستان #Uyghur #EastTurkistan #CentralAsia #Pakistan #Houthis