Перейти к содержимому

339-Ders Tafsir Muyessar J17 Al-Hajj 56-64-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر17-پارە 22-سۈرە«ھەج» سۈرىسى

ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى

0:00 / 0:00

339-Ders Tafsir Muyessar J17 Al-Hajj 56-64-Ayet تەفسىر مۇيەسسەر17-پارە 22-سۈرە«ھەج» سۈرىسى

20 просмотров · 8 дн. назад
ilim baghchisi ئىلىم باغچىسى
397 подписчиков
20 просмотров · 8 дн. назад
ئۈچ يۈز ئوتتۇز توققۇزىنچى دەرس «تەفسىر مۇيەسسەر »(17-پارە 22- سورة الحج) «ھەج» سۈرىسى 56-ئايەتتىن 64-ئايەتكىچە تەفسىرى Hajj surisi tefsiri(Sura Al-Hajj ) 56-Ayettin 64-Ayetkiche Tefsiri «ھەج» سۈرىسى (جەمئى ئايەت سانى: 78 ئايەت ) «ھەج» سۈرىسى(56- 64) بۇ كۈندە پادىشاھلىق (يالغۇز) اﷲ قا خاستۇر، اﷲ بەندىلەر ئارىسىدا (ئادىل) ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار (تۈرلۈك) نازۇنېمەتلەر بار جەننەتلەردە بولىدۇ (56) كاپىرلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار (دوزاختا) خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ (57) اﷲ نىڭ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا، ئاندىن (جىھاد قىلىپ) ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە ياكى (كېسەل بىلەن) ئۆلگەنلەرگە اﷲ چوقۇم ياخشى رىزىق (يەنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلىدۇ. رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتەن يالغۇز اﷲ دۇر (58) اﷲ ئۇلارنى ئەلۋەتتە ئۇلار مەمنۇن بولىدىغان جايغا (يەنى جەننەتكە) كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن (ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدىغان نەرسىلەرنى) بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ) (59) ئىش مانا شۇنداق، كىمكى قانچىلىك زۇلۇمغا ئۇچراپ شۇنچىلىك ئىنتىقامىنى ئالغان بولسا، ئاندىن يەنە زۇلۇمغا ئۇچرىسا، اﷲ ئۇنىڭغا چوقۇم ياردەم بېرىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (60) (شۇ نەرسە اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇركى) اﷲ كېچىنى كۈندۈزگە، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر (61) بۇ (بۇ) (قۇدرەت) شۇنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، اﷲ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، اﷲ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (62) اﷲ نىڭ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن زېمىننى يېشىلزارلىققا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر (63) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭدۇر (يەنى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، اﷲ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىدىن بىھاجەتتۇر، ھەمدۇساناغا لايىقتۇر (64) #تەفسىر #تەفسىر_مۇيەسسەر #ئاسانلاشتۇرۇلغان_تەفسىر #ئۇيغۇرچە_قۇرئان_تەفسىرى#قۇرئان_تەفسىر #قۇرئان_كەرىم_تەفسىرى #ئەرەپ_تىلى #ئۇيغۇرچە_دەرس #ھەج_سۈرىسى #سۈرە_ھەج #پەيغەمبەرلەر #17_پارە #22_سۈرە #tefsirdersi #tafsir #tafsir_muyassar #tefsir_muyesser #uyghurche_quran_tefsiri #quran_kerim_tefsiri #asanlashturulghan_tefsir #quran_tefsiri #arab_tili #Al-Hajj #sura_Al-Hajj #arap_tili #uyghurche_islam_dersi #uyghurche_ders #quran_kerim #17_pare #surah_Al-Hajj #Al-Hajj_surisi #Al_Hajj #sure_Hajj #تفسير_القران_الكريم #التفسير_الميسر_للقرآن_الكريم #التفسير_الميسر #القران_الكريم #تفسير_القران_باللغة_الايغورية #اللغة_الايغورية #تفسير_سورة_الحج #الحج #الجزء_17# اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ دەرستە:ئۆمەر ۋارىس ئۇستاز تەفسىر مۇيەسسەر كىتاپنىڭ PDF نۇسخسىنى چۈشۈرۈش تور ئادىرىسى https://archive.org/details/ar-Altafs... سورة الحج (56- 64) الْمُلْكُ يَوْمَئِذٍ لِّلَّهِ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ ‎﴿٥٦﴾‏ وَالَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا فَأُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ ‎﴿٥٧﴾‏ وَالَّذِينَ هَاجَرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ قُتِلُوا أَوْ مَاتُوا لَيَرْزُقَنَّهُمُ اللَّهُ رِزْقًا حَسَنًا ۚ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ ‎﴿٥٨﴾‏ لَيُدْخِلَنَّهُم مُّدْخَلًا يَرْضَوْنَهُ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَعَلِيمٌ حَلِيمٌ ‎﴿٥٩﴾‏ ۞ ذَٰلِكَ وَمَنْ عَاقَبَ بِمِثْلِ مَا عُوقِبَ بِهِ ثُمَّ بُغِيَ عَلَيْهِ لَيَنصُرَنَّهُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَعَفُوٌّ غَفُورٌ ‎﴿٦٠﴾‏ ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ يُولِجُ اللَّيْلَ فِي النَّهَارِ وَيُولِجُ النَّهَارَ فِي اللَّيْلِ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ بَصِيرٌ ‎﴿٦١﴾‏ ذَٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْحَقُّ وَأَنَّ مَا يَدْعُونَ مِن دُونِهِ هُوَ الْبَاطِلُ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ الْعَلِيُّ الْكَبِيرُ ‎﴿٦٢﴾‏ أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَتُصْبِحُ الْأَرْضُ مُخْضَرَّةً ۗ إِنَّ اللَّهَ لَطِيفٌ خَبِيرٌ ‎﴿٦٣﴾‏ لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ وَإِنَّ اللَّهَ لَهُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ ‎﴿٦٤﴾‏